باشبەت emlog 5.3.1 نەشىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تۇلۇق تەرجىمە نۇسقىسى

emlog 5.3.1 نەشىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تۇلۇق تەرجىمە نۇسقىسى

دىلمۇرات 2020-3-17 0 367

 emlog بلوگ سىستېمىسى ھەققىدە

emlog سۆزى every memory log نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ،  كىچىك خاتىرە دېگەن مەنىدە.  emlog بولسا PHP بىلەن MySQL مۇھىتىدا تۈزۈلگەن ئىقتىدارلىق بلوگ ھەم CMS بېكەت قۇرۇش سىستېمىسى.  emlog نىڭ سۈرىتى تىز،  مۇقىملىقى يۇقىرى،  ئىشلىتىش قولاي بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىكى بار.

  emlog نىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرى

  1.  يازغان ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ئادىرىسىنى ئۆزىڭىز خالىغانچە url بەلگىلەپ،  بلوگ ئوقۇرمەنلىرىگە تېخىمۇ قولايلىق يارىتالايسىز.
  2. ئۇسلۇبلىرى سەرخىل،  بېكەت باشقۇرۇش بىتىدىن بىۋاسىتە ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتەلەيسىز.
  3. نۇرغۇنلىغان قىستۇرمىلارنى قوللايدۇ،  قىستۇرما ئارقىلىق سىز بلوگىڭىزنى تېخىمۇ ئىقتىدارلىق قىلىپ چىقالايسىز.
  4. ئەسەر يوللىغاندا ئەسىرىڭىزنىڭ ئۆچۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ،  emlog سىزگە ھەر ۋاقىت ئاپتوماتىك يېزىۋاتقان ئەسىرىڭىزنى ساقلاپ بىرىدۇ.
  5. ئورگىنال ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە.  ئەگەر بىر ئەسەرنى يېزىپ،  ئاخىرىنى كىيىنچە يازماقچى بولسىڭىز ئەسەرنى ئېلان قىلماي تۇرۇپ ئورگىنالغا ساقلىۋېلىپ كىيىنچە ۋاقىتىڭىز چىققاندا داۋاملىق يېزىپ يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
  6. يانفون بېتى بەك چىرايلىق،  ھەر ۋاقىت تۇرمىشىڭىزنى خاتىرلىيەلەيسىز.
  7. سىمسىز ئەسەر يوللىيالايسىز.  سىز Windows Live Write قاتارلىق قوراللاردىن پايدىلىنىپ بىۋاسىتە بلوگ يازالايسىز.
  8. يان تىزىملىكلەرنى خالىغانچە قوشقىلى،  ئېلىۋەتكىلى ۋە خالىغانچە تەڭشەشكە بولىدۇ.  يەنە تېخى ئىختىيارى يان تىزىملىك قوشالايسىز.
  9. ئىختىيارى بەت قورۇپ چىقالايسىز.  بۇ ئارقىلىق سىز سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى ۋە ئۆزىڭىزنىڭ خاس بىتىنى لايىھەلەپ چىقالايسىز.  ھەمدە بۇ بەتلەرنى ئۈستى يول باشلاش قىسمىغا ئورنىتالايسىز.
  10. كۆپ يازغۇچى بىرلىشىپ بلوگ يازالايسىز.  ئارقا باشقۇرۇشتىن بىۋاسىتە ئاپتور قوشۇپ بىرلىشىپ بىرلىشىپ بلوگ يازسىڭىز بولىدۇ.
  11. ئەسەرلارگە خەتكۈچ قۇشۇش ئىقتىدارى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ،  خەتكۈچ (tag) ئارقىلىق ئەسەرلەرنى تۈرگە ئايرىپ كۆرەلەيسىز.
  12. ئەسەرلەرگە بىۋاسىتە قۇشۇمچە(رەسىم،  ھۆججەت) قاتارلىقلارنى قوشالايسىز.    .  بلوگ باش بىتىدىكى كالېندار ئارقىلىق ئەسەر يېزىلغان كۈننى چېكىپ شۇ كۈنلۈك ئەسەرلەرنى كۆرەلەيسىز.
  13. ئارقا باشقۇرۇشقا ساندان قالدۇق تازىلاش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ،  بلوگ سۈرىتىنى كۆرۈنەرلىك تىزلىتەلەيسىز.
  14. RSS ئىقتىدارىنى قوللايدۇ،  بۇ ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەر سىزنىڭ بلوگىڭىزغا مۇشتەرى بولالايدۇ.
  15. ئارقا باشقۇرۇشتا ساندان زاپاسلاش،  ئاپتوماتىك ساندان زاپاسلاش ۋە ساندان قايتۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بار.
  16. بلوگنىڭ يەنە خاتىرە يوللاش ئىقتىدارى بولۇپ،  رەسىم ۋە چىراي ئىپادىلىرىنى قىستۇرالايسىز.  ھەر ۋاقىت تۇرمىشىڭىزنى خاتىرىلەپ ماڭالايسىز.

قاچىلاش ئۇسۇلى

ئاستىدىكى چۈشۈرۈش مەنزىلىدىن emlog 5.3.1 نەشىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تۇلۇق تەرجىمە نۇسقىسىنى چۈشۈرىمىز.
چۈشۈرگەن ھۆججەتنىڭ ئىچىدىن src ھۆججەت خالتىسى ئىچىدىكى باھارلىق ھۆججەتنى emlog قاچىلىماقچى بولغان مۇندەرىجىگە چىقىرىمىز.
ھۆججەت چىقىرىلغان مۇندەرىجىنى تور كۆرگۈچىڭىز بىلەن ئېچىپ MySQl ئۇچۇرلىرىڭىزنى تولدۇرۇپ سېستىمىنى قاچىلايمىز.

چۈشۈرۈش مەنزىلى

تەرجىمانلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىپ بىلىملەر مۇنبىردىن چۈشۈرۈڭ  (چۈشۈرۈش)

تەرجىمىگە قاتناشقۇچىلار

بىلىملەر مۇنبىرىدىن : admin ، boyhero

#emlog#

سەمىمىي ئەسكەرتىش : ئەسەر ئىچىدە ئەسلى مەنبە ئەسكەرتىلمىگەن بولسا ، ئۇنداقتا بۇ ئىجادىي ئەسەر يىساپلىنىدۇ ، ھەمبەھىرلەپ ئىشلەتكەندە ئەسلىي مەنبەنى ئەسكەرتىڭ ، ئەمگىكىمنى ھۆرمەت قىلىڭ .
ئاپتورى: دىلمۇرات 2020-3-17 04:00:16

ئىنكاس يوللاش :